بوزدۆڭ يېزا مائارىپ بلوگى قۇرۇلغىلى

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بلوگىمنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ياخشىمۇسىلەر! كەمىنە 2011-يىلى5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن كېيىن يېڭى يازما ئېلان قىلمىدىم. سەۋەبى: بلوگبۇس سۇپىسىنىڭ مۇقىمسىز بولىشى بىلەن بىر قانچە قېتىم بىر ئاي ئەتىراپىدا ۋاقت سەرپ قىلىپ يازغان يازمىلىرىمنىڭ تويۇقسىز يوقىلىپ كېتىشى قاتتىق ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. يېقىندا نۇرغۇن بلوگداشلىرىم ۋوردپەرەسكە كۆچتى. بەزىلىرى مۇستەقىل تور بېكەتلەرگە كۆچتى. مەنمۇ يېقىندا مۇستەقىل تور بېكەت سىستېمىسىنى لايىھىلەش، بېزەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالدىم. يېڭى تور بېكەتنىڭ رەسمىيەتلىرى پۈتۈپ بوشلۇققا چىقىرىلغاندىن كېيىن بلوگ يۈزىدە قايتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىدۇ.

    كامالىي ئېھتىرام بىلەن: بوزدۆڭ يېزا مائارىپ بلوگى

  • باشلاش تىزىملىكىنى ئېچىڭ، ئاندىن ئىجرا قىلىش (运行)  كۆزنىكىنى ئېچىپ cmd دەپ يېزىپ DOS كومماندا ھالىتىگە كىرىڭ.   كۆڭۈلدىكى قىممەت ھالىتىدە  ھازىرقى قىسقۇچ سىستېما ئىشلەتكۈچىسىنىڭ ئىسمى بىلەن يېزىلغان قىسقۇچ. شۇڭا  ..cd   دەپ يېزىڭ ، يەنە ..cd دەپ يېزىڭ .  ئەمدى cd windows دەپ يېزىڭ. ئەمدى ئەڭ ھالقىلىق يېرىگە كەلدۇق. ماۋۇ كودنى خاتا يازماڭ ھە

  • نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە يېزىقىمىزنىڭ كودى بىرلىككە كېلىپ بولغان بولسىمۇ بىراق يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆلچەمسىز كودنى ئىشلەتكەچكە يەنە بىر قىسىملار ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلىمىغاچقا، ئۆلچەملىك كودتا بېسىلغان ئۇيغۇرچە خەتلەرمۇ باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىدا نۇرمال كۆرۈنمەيدۇ، تۆۋەندە مەن بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ ماقالىنى ئىلگىرى مەن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژورنىلىدىن كۆرگەن.

  • EXCELدا جەدۋەل لايىھىلىگەندە ياكى باشقىلار لايىھىلەپ تەييارلاپ قويغان جەدۋەللەرگە سان-سىفىرلارنى كىرگۈزگەن ۋاقتىمىزدا چارچاش سەۋەبىدىن بەزى سان-سىفىرلارنى تەكرار كىرگۈزىۋېتىپ ئاخىرىدا قايتىدىن تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ تاپىدىغان ئاۋارىچىلىققىمۇ ئۇچراپ قالىمىز.  مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىپ سانلارنى تەكرار كىرگۈزۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئىش ئۈنۈمىنى تېزلەتمەكچى بولسىڭىز،  جەدۋەلگە سان كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ تەكرار سان كىرگۈزۈشنى چەكلەش فورمىلاسىنى ئورنىتىۋېلىڭ.

  • QQ .1 ئارقىلىق باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتتا، بەزى ئۇچۇرلارنىڭ ئەۋەتىلىشى ئىنتايىن ئاستا، ئۇچۇر ئەۋەتىلگەن ۋاقىتتا Shift كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، ئۇچۇر ناھايىتى تېز ئەۋەتىلىدۇ.
    2. بىز بىر تالاي كۆزنەككە دۇچ كەلگىنىمىزدە، بىردىن-بىردىن ئېتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز پەقەت Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ تاقاش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، بارلىق مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆزنەكلەر تاقىلىدۇ
    .
    3. ئىنگلىزچە كىرگۈزگەن ۋاقتىمىزدا Shift كۇنۇپكىسىنى باسساق، چوڭ-كىچىك ھەرپ كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

  • ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ سول تەرەپ ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان ESC كۇنۇپكىسى ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ESC كۇنۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى تېز بېجىرگىلى بولىدۇ.
    1. تورغا چىققاندا، ئەگەر مەلۇم تور ئادرېسىنى خاتا چېكىپ سالسىڭىز، بىۋاسىتە ESC كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، بۇ تور بېتىنىڭ ئېچىلىشىنى توختىتالايسىز
    .
    2. تورغا چىققاندا ئىشلەتكۈچى نامى (用户名) دېگەندەك مەزمۇنلارنى تولدۇرۇشتىن ساقلىنالمايسىز، ئەگەر خاتا تولدۇرۇپ سالسىڭىز،ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بارلىق كۆزنەكلەرگە تولدۇرغان مەزمۇنلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. خەت ئۇرغاندا ئەگەر خەتنى خاتا تاللاپ قالغان بولسىڭىز، ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز خاتا تاللانغان خەت كۆزنىكى ئۆچىدۇ.

  • 1. كىملىك نومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر: ئىلگىرىكى كىملىك نومۇرلىرى 15 خانلىق بولۇپ، ھازىرقى كىملىك نومۇرلىرى 18 خانلىق. بىز بۇ كىملىك نومۇرلىرى ئارقىلىق شۇ بىر ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئېگە بولالايمىز. يەنى:

    15 خانىلىق كىملىك نومۇرى: 1-6 خانىگىچە بولغان نومۇرلار مەمۇرى رايون نومۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛7-8 خانلىرى تۇغۇلغان يىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ 9-10 خانىلىرى تۇغۇلغان ئاي ؛ 11-12 خانىلىرى تۇغۇلغان كۈنى؛ 13-15 خانلىرى رەت تەرتىۋى بولۇپ، تاق سان بولسا ئۇ كىشىنىڭ جىنسى ئەر، جۈپ سان بولسا ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  • مەزكور迅雷(چۈشۈرگۈچ) دېتالىنىڭ پىرىستىن يەشكەندىن كېيىنكى سىغىمى ئاران 2.27MBبولۇپ، قاچىلىغاندىن كېيىنكى سىغىمىمۇ ئىنتايىن كىچىك. سەپلىمىسى تۆۋەن ۋە ئادەتتىكى كومپىيوتېرلارنىڭ ھەر قاندىقىغا ماس كېلىدۇ. ھازىرقى 迅雷(چۈشۈرگۈچ) دېتالىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىدىغان ئارتۇقچە ئېلانلار توللۇق چىقىرىپ تاشلانغان بولۇپ، كۆرىنىشى ئىنتايىن ئازادە ۋە سىپتا لايىھىلەنگەن. قىزىقسىڭىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ.

  • Word  بولسا بىز ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان يېزىق تەھرىرلەش دىتالى، شۇنداقلا بىزنىڭ pdf فورماتىدىكى ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب ئىشلەشتە تايىنىدىغان ئاساسلىق قوراللىرىمىزنىڭ بىرى.  ئەگەر سىز بەت قېشى ۋە بەت تېگىنى چىرايلىق قېلىپ  لايىھىلىيەلىسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز ئىشلىگەن ئېلكىتاب چوقۇم كۆركەم چىقىدۇ. ئۇنداق بولسا تۆۋەندە Word دا بەت قېشى ۋە بەت تېگى لايىھەلەشتىكى بىر قانچە كىچىك ھۆنەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
    1. بەت قېشى ۋە بەت تېگى قورال كۇنۇپكىلىرىدىن ئەپچىل پايدىلىنىش: ئادەتتە Word دا ئاساسىي تېكىست مەزمۇنى بىلەن بەت قېشى ۋە بەت تېگى رايونى ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، سىز پەقەت تىزىملىكتىن ‹‹كۆرۈنمە-بەت قېشى ۋە بەت تېگى (视图-页眉和页脚) ›› بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىنلا، ئاندىن بەت قېشى ۋە بەت تېگىدىكى مەزمۇنلارنى تەھرىرلەش ھالىتىگە كىرگىلى بولىدۇ.

  • مېنىڭ سىلەرگە تەۋسىيە قىلىدىغان بۇ ئىككى دېتال نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ناخشىدىن مۇزىكىنى ئايرىش، ناخشا كېسىش، ناخشا ئۇلاش ۋە  ناخشا-مۇزىكا كىرىشتۈرۈشتىكى ئەڭ نوچى دېتالدىن ئىبارەت. بىرىنچىسى: GoldWaveدېتالى بولۇپ، سىغىمى: 5.80MBئەتراپىدا. يېشىل دېتال، پېرىستىن يېشىپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇيغۇرچە سۈرەتلىك دەرسلىكىمۇ يوللاندى.

  • بۇ دېتال ئارقىلىق SWF(فىلەش) نى GIF(ھەرىكەتچان رەسىم) گە ئايلاندۇرۇپ ساقلاشقا بولىدۇ.

    دېتال كۆرۈنمە يۈزى بەك ئاددىي بولغاچقا، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە توختالمىدىم. ئېھتىياجلىقلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.

  • مېنىڭچە شاھمات ھەققىدىكى ھېكايىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاڭلىغان. شۇنداق بولسىمۇ ئالدى بىلەن بۇ ھېكايىنى قىسقىچە قىلىپ بىر تونۇشتۇرىۋىتەيلى. ئاندىن ئۇنىڭ ھېسابىنى قىلىپ كۆرەيلى.

    بۇرۇنقى زاماندا بىر دانىشمەن بولۇپ، ئۇ كەمبەغەل تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئۇ شاھماتنى كەشىپ قىلىپتۇ ھەمدە بۇنى پادىشاھقا تەقدىم قىلىپتۇ. پادىشاھ بۇ ئويۇننى ئويناپ كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قاپتۇ ھەمدە دانىشمەننىڭ بۇ كەشپىياتى ئۈچۈن نېمە دېسە شۇنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

  • سىز WORD تا مەشغۇلات قىلىۋېتىپ توساتتن توك كەتسە ياكى كومپيۇتېرىڭىز قېتىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟ مەن سىزگە بىر ھۈنەر ئۆگىتىپ قوياي، بۇ سىزگە ئەسقاتىدۇ.

    سىز WORD تا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا، سىستېما WORD ھۆججىتىنى ۋاقىتلىق ساقلاپ قويىدۇ. توك كەلگەندە سىز كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ c://documents andsettings//administaraor//application data//microsoft//word نىڭ ئىچىگە كىرىپ xxx.asp دىگەن ھۆججەتنى ئىزدەپ تاپسىڭىزلا بولدى

  • 搜狗输入法5.0 نۇسخسىدا قولدا يېزىش(手写)  ۋە رەسىم تۇتۇش (截屏)ئىقتىدارى قېتىلغان بولۇپ، بەزى خەنزۇچە خەتلەرنىڭ پىنيىنىنى ئۇقماسلىقتىن خەتنى يازالماسلىق، ئېكراندىكى رەسىملارنى تۇتۇش قولايسىز بولۇشتەك ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىلىپتۇ.

    搜狗输入法5.0 نۇسخىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىقتىدارلىرى بىۋاستە قېتىلمايدىكەن. بۇ ئىقتىدارىنى تورغا ئۇلاقلىق ھالەتتە يېڭىلاپ قاچىلايمىز ياكى بۇ كېڭەيتىلمە ئىقتىدارىنى توردىن چۈشۈرىۋېلىپ قاچىلىۋەتسەك بولىدۇ.

  • توردا ماتىرىيال كۆرۈش جەريانىدا بەزى ئوقۇيالمايدىغان خەنزۇچە خەتلەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىز ئۇ خەتنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ لۇغەت ئاختۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئاۋارىچىلىق. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ناھايىتى ئەپچىل بىر چارىسى بار. ئەمەلىيەتتە word 2003 خەتنىڭ پىنيىنىنى چىقىرىپ ھەم ئوقۇپ بېرىدىغان ئىقتىدارلىق لۇغەت قاچىلانغان بولۇپ، نۇرغۇن خەتلەرنىڭ پىنيىنىنى ۋە ئوقۇلىشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.


ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە بوزدۆڭ يېزا توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ. باشقۇرغۇچى:غۇجامنىياز تۇنياز

ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com مۇڭداشقۇ:915575425 تېلفۇن:4053025-0997